ئىراندىكى سۇ توقۇنۇشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

ئىرادىكى سۇ تالىشىپ چىققان تۇقۇنۇشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 12 كىشى يارىدار بولدى.

772777
ئىراندىكى سۇ توقۇنۇشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئىسنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ خوراسان ۋالايىتى چاغاتاي ناھىيەسىدە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 12 كىشى يارىدار بولدى. 

ئىران سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى يېزىنىڭ سۈيىنى باشقا يېزىغا يۆتكەش مەقسىتىدە قۇدۇق قېزىشنى باشلىشى ۋە يېزا خەلقىنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى.

توقۇنۇشتا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 5 ساقچى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 12 كىشى يارىدار بولدى.

ئىراندا ۋىلايەتلەر ۋە ناھىيەلەر ئارىسىدىكى سۇ تالىشىش كۈرەشلىرى بىر قانچە يىل ئىلگىرى باشلانغان ئىدى.

ئىرانلىق ئىقتىسادشۇناس موھسىن رېنانى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت سۇ كىرىزىسىنى يوشۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيىبلىدى ۋە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل ئىجىدە دۆلەت مىقياسىدا سۇ تالىشىش توقۇنۇشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئەۋىج ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر