گېرمانىيە بىر پ ك ك تېررورچىسىنى قاماققا ھۆكۈم قىلدى

گېرمانىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رايون باشلىقى بىر تېررورچى 3 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

773064
گېرمانىيە بىر پ ك ك تېررورچىسىنى قاماققا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شتاتگارت ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، 47 ياشلىق تېررورچىغا پ ك ك غا ئەزا بولۇش، تەشىكلاتقا ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 3 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بەردى.

سوت مەھكىمىسىنىڭ 6 – جازا باشقارمىسى بايانات بېرىپ، تۈركىيە پۇقراسى مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسىنىڭ قولغا ئېلىنغان 2016 – يىلى 16 – فېۋرالغىچە تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش «دورتمۇند ۋە دۈسسېلدورف رايون مەسئۇلى» بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مەزكۇر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش «شتاتگارت، مىيۇنخېن ۋە فرېئىبۇرگ مەسئۇلى» بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بېرىلگەن جازادا پ ك ك نىڭ «خەتەرلىك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى» نىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقى، قولغا ئېلىنغان پ ك ك ئەزاسىنىڭ 30 ئاي بويىچە تەشكىلات سېپىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەنگەن ھالدا، تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقى، تەشكىلاتقا يېڭى ئەزا تېپىشقا ۋە پۇل بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تېررورچىنىڭ يۇقىرى سوتقا ئېتىراز ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بار ئىكەن.

پ ك ك، گېرمانىيە قاتارلىق پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەردە 1993 – يىلىدىن بۇيان «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر