پ ك ك / پ ي د ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلانماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د ، ئامېرىكا دائىرىلىرى تەمىنلىگەن قورال ۋە ئوق – دورىلارنى ئىشلىتىپ ئازەز ۋە مارەگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزمەكتە.

772168
پ ك ك / پ ي د ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن 2 مىڭ تېررورچىنى تەييارلىغان پ ي د، بۇرسەيا ۋە قەلئە سامان رايونىغا قورال – ياراغ توپلاشقا باشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېقىن مەنبەلەر، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دائېشقا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ تەربىيەلەنگەن تېررورچى سانىنىڭ 14 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

2016 – يىلىنى ئاخىرىدا ئافرىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئاتالمىش «ي پ گ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى تەربىيەسى» بەرگەن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر، تەربىيەلەنگەن تېررورچىلارنىڭ قورال، ئاپتوموبىل ۋە پۈتكۈل لازىمەتلىكلىرىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلەر ھازىرمۇ مەيدانكى ۋە كەفەر جەننە لاگېرلىرىدا 800 تېررورچىنى مەشىق قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دائېش باھانە قىلىنىپ پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن قوراللارنى ئافرىن – تېل رىفات لىنىيەسىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا. ئەينۇل ئەرەب – شەيخ مەقسۇد – نۇببۇل يوللىرى ئارقىلىق ئافرىنغا يەتكۈزۈلگەن قورال ۋە ئوق – دورىلار، ئۇ يەردىن توقۇنۇش نۇقتىلىرىغا يوللىنىدۇ. ئافرىندىكى ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان قورال ۋە ئوق دورىلار، دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئەين ئىساغا كەلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ياردەملىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر