ئاقساراينىڭ تور بېتىدە گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىمزا قويۇش سەھىپىسى ئېچىلدى

ئامېرىكىدا ياشايدىغان تۈركلەر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاقساراينىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

771603
ئاقساراينىڭ تور بېتىدە گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىمزا قويۇش سەھىپىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ياشايدىغان تۈركلەر، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىلىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاقساراينىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

ئاق ساراينىڭ تور بېتىدىكى «ئىلتىماس» بۆلۈمىدە ئېچىلغان ئىمزا قويۇش پائالىيىتى مەكتۇپىدا، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىندى ۋە ئىسياننى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ 249 كىشىنى شېھىت قىلغانلىقى ۋە 2195 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن مەكتۇپتا، «تۈرك مىللىتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرى دېموكراتىيەنى قوغدىدى ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى چېكىندۈردى. تۈركىيەدە ھەربىي ئىسياننىڭ باستۇرۇلۇشى تارىخىي بىر دەۋر ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەنە شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن مەكتۇپتا، «(ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە) ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئازابىنىڭ يەڭگىللىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنى تۈركىيەگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

ئىمزا دولقۇنىغا ئاقساراينىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى «ئىلتىماس (petitions) بۆلۈمىدىكى petitions.whitehouse.gov ئادرېسى ئارقىلىق قاتناشقىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر