نىيۇ يوركتا چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان نىيۇ يوركتا چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىلدى.

769805
نىيۇ يوركتا چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە ئىقتىسادىي پايتەختى ھېسابلىنىدىغان نىيۇ يوركتا، چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن 32 مىليون دوللارلىق راسخوت ئاجرىتىلدى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 8 مىليون 500 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەردە 2 مىليون ئەتراپىدا چاشقان بارلىقىنى، دەسلەپكى قەدەمدە %70 چاشقاننى ئازايتىشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى بىل دې بىلاسىيو مۇنداق دېدى: «چاشقانلارنى نىيۇ يوركتا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى  سۈپىتىدە قوبۇل قىلالمايمىز.»

پىلان دائىرىسىدە سېنتەبىردە چاشقانلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۈسكۈنە قۇرۇلىدىغانلىقى، سىمدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سېۋەتلەرنىڭ پولات ساندۇقلارغا ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىيۇ يورك سەھىيە ئىدارىسى يېڭى يىلدىن بۇيان چاشقانلار توغرۇلۇق 10مىڭدىن ئارتۇق ئەرز تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گىراند كونسورس رايونىدا بۇ يىل فېۋرالدا بىر كىشىنىڭ چاشقان سۈيدۈكى سەۋەبلىك يۇقۇملىنىدىغان «لېپوتوسپىروز»دىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر