دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېردا 33 مىليون 700 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار

دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېردىكى «@realDonaldTrump» ناملىق ھېسابىغا ئۇچۇر يوللاپ ھەر خىل پىكىرلەرنى بەرگىلى بولىدۇ.

769206
دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېردا 33 مىليون 700 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تۋىتتېردا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىشىنى توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى.

دونالد ترامپنىڭ 7 ئەگەشكۈچىسىدىن باشقا يەنە، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش كۈرىشى قىلىدىغان «چەۋەندازلار ئاساسىي قانۇن ئىنسىتىتۇتى»مۇ ترامپقا قارشى سوتقا ئەرز سۇندى.

ئەرزنامىدە، ترامپنىڭ تۋىتتېردا يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان ياكى تەنقىد قىلغان 7 ئەگەشكۈچىسىنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ ئۆزى ياكى مۇئاۋىنلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلۇشىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە ئالاقدار ماددىلارنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەرزنامىدە، ئاقساراي باياناتچسى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دانىيەل سىكاۋىنونىڭ ئىسىملىرى ئەگەشكۈچىلەرنى توسۇپ قويۇشقا ياردەم قىلغۇچىلار قاتارىدا ئەيىبلەندى.

دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېردىكى «@realDonaldTrump» ناملىق ھېسابىدا، 33 مىليون 700 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر