بەدەخشاندىكى سەل ئاپىتى يۈزلىگەن گېكتار تېرىلغۇ يەرلەرنى نابۇت قىلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن سەل ئاپتىدە 20 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، ئونلىغان ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

769098
بەدەخشاندىكى سەل ئاپىتى يۈزلىگەن گېكتار تېرىلغۇ يەرلەرنى نابۇت قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بەدەخشان پارلامېنت ئەزاسى فاۋزىيە كوفى بەدەخشاننىڭ شىكەي ۋە ناسى رايونىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ سەل ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

فاۋزىيە كوفى سەل ئاپىتىدە 20 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، ئونلىغان ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە يۈزلىگەن گېكتار تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار سەل ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ جىددىي ياردەمگە، يېمەك – ئىچمەك ۋە ئىچىدىغان پاكىز سۇغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر