ئىتتىپاقداش كۈچلەر پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ راققەدىكى مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاكرىشى بازىرىدىكى پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن.

767448
ئىتتىپاقداش كۈچلەر پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى گۇماشتىسى پ ي د غا تەۋە جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، 40 تېررورچىنى ئۆلتۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ راققەدىكى مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاكرىشى بازىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇم ئەسناسىدا پ ك ك / پ ي د غا تەۋە جايلارمۇ بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، 40 قا يېقىن تېررورچى ئۆلگەن، نۇرغۇن تېررورچى يارىلانغان.

ئاكرىشى بازىرى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش بىلەن پ ك ك / پ ي د ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر مەنبەلەر، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ دائېش نىشانلىرىنىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، دائېشنىڭ شەھەردىكى سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان «راققە جىمجىتقىنا قەتل قىلىنماقتا» ناملىق پائالىيەتچىلەر تورى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 23 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 46 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر