شىمالىي كورېيە: ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

شىمالىي كورېيە: «ئامېرىكىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى باشلانغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشىنى يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك» دېدى.

767922
شىمالىي كورېيە: ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو پىروگراممىسىغا قارشى باشلانغان تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىغا سەۋەب بولالايدىغان پەرۋاسىزلارچە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك» دېدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان «رودوڭ سىنمۇن» تەرىپدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ھەربىي مانېۋىر <ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش> دېيىلگەن.»

باياناتتا مۇنۇلار قەيت قىلىنغان:

«كىچىككىنە خاتالىق ياكى خاتا قارار باش-ئاخىرى يوق يادرو ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى چوقۇم. ئامېرىكىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا پىلانلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتىنىڭ ئۈستىدە ئوت بىلەن ئويناشقا ئوخشايدىغان ساراڭلارچە قىلىنغان ھەرىكەتكە ئوخشايدۇ. ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قارشى يادرو ئۇرۇش تەھدىتىنى كۈچەيتىدىغان پىلانلار بىلەن ئۆزىنى ئۆزى يوقىتىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر