ياپونىيە نوپۇسى قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتمەكتە

ياپونىيەدە تۇغۇش نىسبىتى %1 تىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ ئەھۋال دۆلەت نوپۇس ئىدارىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

765166
ياپونىيە نوپۇسى قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 2016 – يىلىدا يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «Kyodo»نىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ تارقاتقان خەۋىرىدە، ياپونىيە نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ تەپىسىلى تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى ۋە 1968 - يىلىدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى يازدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 2017 – يىلى 1 – يانۋاردا بىر يىل ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا 308 مىڭ 84 كىشى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

تۇغۇش نىسبىتى 1 مىليوندىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغان، ئۆلۈم نىسبىتى بولسا، 1 مىليون 300 مىڭ كىشى ئاشقان.

پىنسىيە يېشىدىكى 65 ياشتىن ئۈستۈن كىشىلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %27.17 نى تەشكىل قىلغان بولسا، 14 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپۇسى %12.69 گە چۈشۈپ قالغان.

ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 127 مىليون بولۇپ، يېقىنقى 8 يىلدىن بۇيان ئازىيىشقا قاراپ ماڭماقتا.

تۇغۇش نىسبىتى 1970 – يىلدىن بۇيان چېكىنىشكە باشلىدى. ئەسلىدە ياپونىيە نوپۇسىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن نۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ %2.07 بولۇشى كېرەكلىكى ھېسابلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر