ترامپ قاتار كىرىزىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتار كىرىزىسىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

763381
ترامپ قاتار كىرىزىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتار كىرىزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئالسانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زەينەل ئالناھيانلار بىلەن تېلېفوندا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

ئاقساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قاتار ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان كېلىشەلمەسلىكلەردىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تېررورلۇققا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئاشقۇن ئىدېئولوگىيەلەرگە ئېتىبار قىلماسلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدېنت ترامپ رىياد يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <تېررورلۇقنى يىڭىش> ۋە <رايونلۇق مۇقىملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش> دېگەن مەقسەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن رايوندىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مۇساپىدىكى مەقسىتىنىڭ، «تېررورلۇقنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى» نى يوقىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر