ئىيوردانىيە تەۋەلىكىگە 3 دانە راكېتامىيوت ئوقى چۈشتى
سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان 3 دانە راكېتامىيوت ئوقى ئىيوردانىيە تەۋەلىكىگە چۈشتى.
762840
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە ئارمىيەسى رەسمي ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق بايانات تارقىتىپ، سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان راكېتامىيوتلارنىڭ ئىككىسىنىڭ جابىر چېگرا ئېغىزىدىكى مەمۇرىي قوغدىنىش بىناسىغا يېقىن جايغا؛ قالغان بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى جابىر ئەررەمسە يولىغا يېقىن يەرگە چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى ماددىي زىيانغا سەۋەب بولمىغان مەزكۇر راكېتامىيوتلارنىڭ سۈرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگرالىرى ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئەسناسىدا ئېتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.