ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

سۈرىيەدىكى فەيلەقۇرراھمان ئىسىملىك ئۆكتىچى گۇرۇپپا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دەمەشقنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىغا خلور گازلىق خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

762824
ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەيلەقۇرراھمان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ھاكىمىيەت، 13 كۈندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەين تەرمادا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، خلور گازى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇچۇردا، خلور گازىدىن زەھەرلەنگەن 30 ئادەمنىڭ 12 سائەت بويىچە ئۇدا كۈزىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى، 4 – ئاپرېلدا ئىدلىبقا قاراشلىق خان شەيخۇنغا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى قىلىپ، كەم دېگەندە 100 پۇقرانىڭ ئۆلۈمى، 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر