دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى ھايفا پورتىغا يېتىپ باردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھايفا پورتىغا يېتىپ باردى.

762943
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى ھايفا پورتىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جورج ۋ.بۇش ناملىق ئاۋىياماتكىسى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؛ سائىتىگە 30 دېڭىز مىلىدىن ئارتۇق ئۈزەلەيدىغان بۇ ئاۋىياماتكا، 80 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، كېرەكلىك ئېنېرگىيەنى ئىككى يادرو رېئاكتورىدىن تەمىنلەيدۇ.

5 مىڭغا يېقىن خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋىياماتكا، يېقىلغۇ تولۇقلىماستىن 20 يىل بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ. ئۇ يەنە كۈندە ئوتتۇرىچە ئىككى مىڭ ئائىلىگە يەتكۈدەك دېڭىز سۈيىنى ئىچىملىك سۈيىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر