دەمەشقتە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

762918
دەمەشقتە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئۆزى ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىل بومبىنى شەھەر مەركىزىدىكى تەھرىر مەيدانىدا پارتلاتقان بولۇپ، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 8 ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم يارىلانغان.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانانىڭ بىلدۈرىشىچە، ئايرودۇرۇم يولى ۋە ئەمارە مەھەللىسىدە ئۈچ ئاپتوموبىل بومبا بايقالغان بولۇپ، ئاپتوموبىللاردىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ساقچىلار تەقىپ قىلىۋاتقان جەرياندا ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان.

خەۋەردە، قالغان ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ھاكىمىيەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىپ تاشلانغانلىقى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر