ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتى بىلەن ئىككى پۇقراسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئىككى شىركىتى بىلەن ئىككى پۇقراسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

761744
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىككى شىركىتى بىلەن ئىككى پۇقراسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىككى خىتاي پۇقراسى بىلەن ئىككى خىتاي شىركىتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئىمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

مىنىستىرلىقتىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ قىرغۇچى قوراللار ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قائىدە-پىرىنسپىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىمبارگو قويۇش قارار قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 4 كىشى ۋە ئورگان ئىچىدە داندۇڭ بانكىسى ئىسىملىك بىر خىتاي بانكىسىنىڭ بولۇشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

باياناتتا بۇ بانكىنىڭ شىمالىي كورېىيەنىڭ ئىمبارگولارنىڭ ئەكسىچە خەلقئارا بازارغا كىرىشىگە ۋاستە بولۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغۇچى قوراللار ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مىليونلارچە دوللار يەتكۈزۈپ بەرگەن بۇ بانكىنىڭ قارا پۇل يۇيۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمبارگو قارارى دائىرىسىدە خىتاي بانكىسىنىڭ ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرىشى چەكلەندى.

باياناتتا يەنە سۇن ۋېي ۋە لى خوڭرى ئىسىملىك ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىمالىي كورېيە شىركەتلىرىگە ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىمبارگو قويۇلۇشى قارار قىلىنغان خىتاي شىركىتىنىڭ دالىيەن خەلقئارا تىرانسپورت شىركىتى (Dalian Global Unity Shipping) ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلغاندىن سىرت، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەر بىلەن سودا قىلىشىمۇ چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر