تىرېسا مېي تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تەشكىللىگەن ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتا شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

762153
تىرېسا مېي تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر مېينىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى رادىكال ئوڭچى دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ سىرتتىن قوللىشى بىلەن قۇرغان ھۆكۈمەت، 309 غا قارشى 323 ئاۋاز بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان G-20 تەييارلىق يىغىنىدىن بالدۇرلا ئايرىلدى.

تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسونمۇ ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەدىكى قىبرىس كونفېرانسىغا قاتناشماسلىق يولىنى تاللىدى.

ئەنگلىيەدە 8-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 650 كىشىلىك پارلامېنتتا 317 كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن كونسېرۋاتىپلار، ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ئۈچۈن 10 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت شىمالىي ئىرېلاندىيەگە ئىككى يىل بويىچە 1 مىليارد فوندستېرلىڭ قوشۇمچە مالىيە ياردىمى قىلىدۇ. پارلامېنتتىكى سايلاملاردا شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى كونسېرۋاتىپلارنى قوللايدۇ. ئەمما، ئىككى پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر