دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: خولېرا باكتېرىيەسى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

يەمەندە 1500 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «خولېرا باكتېرىيەسى» كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

761940
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: خولېرا باكتېرىيەسى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، يېقىنقى ئۈچ كۈندە خولېرا ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ تەشكىلات، تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى 20 پەرقلىق ۋىلايەتتە جەمئىي 17 كىشىدە خولېرا بايقالغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ خولېرا باكتېرىيەسىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەمەندە خولېرا باكتېرىيەسى بايقالغاندىن بۇيان 1417 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ 225 مىڭدەك ئادەمدە خولېرا باكتېرىيەسى بايقالدى. باكتېرىيە ئەڭ كۆپ بايقالغان سانئا، تەئىز ۋە ھاججە شەھەرلىرىدە يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيان بۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە 3 مىليون ئەتراپىدا كىشى ئىچكى ئۇرۇش يۈزىسىدىن پاكىز ئىچىملىك سۈيىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خولېرا باكتېرىيەسىگە دۇچار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر