خىتاينىڭ چاغداش يىپەك يولى لايىھەسى ۋە سىياسىتى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن «خىتاينىڭ چاغداش يىپەك يولى لايىھەسى ۋە سىياسىتى»تېمىسى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرۇلۇق

761553
خىتاينىڭ چاغداش يىپەك يولى لايىھەسى ۋە سىياسىتى

خىتاي ھۆكۈمىتى چاغداش يىپەك يولى لايىھەسىنى  ئاسىيا قىتئەسىنى ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا  شەرق بىلەن قاتناش ۋە تىرانسپورت ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ لايىھە ئىكەنلىكىنى، بۇ لايىھە ئارقىلىق بۇ قىتئەلەر ئارىسىدىكى تىرانسپورت مۇددىتىنىڭ قىسقىرايدىغانلىقىنى، سودا ھەجىمىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى، لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك 65 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، قىسقىسى دۇنيانىڭ يەر شارىلىشىشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ لايىھەنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىساد ۋە سودىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا  يېقىندىن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ باشقا سىياسىي غەرىزى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، مەسىلەن،  تېخى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ 10 مىڭ توننىلىق يېڭى ئەۋدلاد ئاۋىئاماتكىسى شاڭخەيدىكى جىياڭنەن ھەربىي پورتىدىن يولغا چىقتى،  خىتاي ھۆكۈمىتى قوشنا دۆلەت فىلىپپىنغا رادىكال كۈچلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىدە 7 مىليون 300 مىڭ  دوللار قىممىتىدە  قورال-ياراغ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 27-ئىيۇندا  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان قىرغىزىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ قىرغىزىستان-خىتاي چېگراسىدا  تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، خىتاي يەنە 27-ئىيۇندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىدا 5 باب 32 ماددىلىق «دۆلەت ئىستىخبارات قانۇنىنى»ماقۇللىدى، بۇ قانۇننىڭ28-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  ئىقتىساد ۋە سودىغا  مۇناسۋەتلىك چاغداش يىپەك يول لايىھەسى بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي،  بىخەتەرلىك، شۇنداقلا سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك  بۇ ئىشلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار؟ مۇناسىۋەت بولسا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ بۇ دائىرىدە سىياسەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر