ئامېرىكا پ ك ك نىڭ يېشى كىچىك بالىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2016 – يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ نىڭ كىچىك بالىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى.

760526
ئامېرىكا پ ك ك نىڭ يېشى كىچىك بالىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈريەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ نىڭ يېشى كىچىك ئۆسمۈربالىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2016 – يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ نىڭ يېشى كىچىك يەزىدىي ۋە كۇرد ئۆسمۈر بالىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئادەم ئەتكەسچىلىكى كۈنىمىزنىڭ ئەڭ تىراگېدىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن بىرسىدۇر» دېدى.

تىللېرسون ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئائىلىلەرنى پارچىلايدىغانلىقىنى، خەلقئارا بازارلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە قانۇنۇنىڭ ئۈستۈنلىكىگە پالتا چاپىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك باشقا جىنايى پائالىيەتلەرگىمۇ باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

تىللېرسون ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ دۆلەتكە ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەڭ يامىنى، ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئەركىنلىك سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر