تالىبان سۇ ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاندا ھىندىستاننىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان سەلما سۇ ئامبىرىغا تالىبان تېررورچىلىرى ھۇجۇم قىلدى.

759594
تالىبان سۇ ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھىرات ۋالىيىتىگە قاراشلىق جاشت شەرىف ناھىيەسىدىكى سەلما سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ساقچىلار تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھىرات ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فەرھاد ھۇجۇمدا يەنە بىر نەپەر ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرھاد ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 4 تالىبان تېررورچىسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تالىبان تەرەپ ۋەقە ھەققىدە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى. 

ھىندىستاننىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان سەلما سۇ ئامبىرى ئالدىنقى يىلى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر