ئاق ساراي: قاتار كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇشقا تەييارمىز

ئاق ساراي باياناتچىسى سېن سپايسېر قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

758992
ئاق ساراي: قاتار كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپايسېر قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنىڭ «ئائىلە ئىچى مەسىلە» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى، تەلەپ كەلگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ قولايلاشتۇرغۇچى خاراكتېرلىك ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەسىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىرىزىس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن سپايسېر، «بۇ مەسىلىگە تەرەپ بولغان 4 دۆلەت بار، بۇنىڭ بىر ئائىلە مەسىلىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئۇلار ئۆزلىرى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قولايلاشتۇرالىساق، بىزمۇ ھەسسە قوشۇشقا تەييارمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ كىرىزىسنى ئۇلار ئۆزلىرى ھەل قىلىشى لازىم» دېدى.

سپايسېر مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ دوھا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەلەپ تىزىملىكىدە قاتارغا ئائىت ئەلجەزىرە قانىلىنى تاقاشمۇ بارلىقىغا ئالاقىدار «ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىق بولغان ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تالاش – تارتىشلاردا قولايلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك رول ئويناشنى خالايمىز، بىراق بۇ تالاش – تارتىشلارنى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، جۈملىدىن بۇ ھەقتە بىزگە بىرەر تەلەپ كەلگەنگە قەدەر بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر