ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ لەشكەرگاھ شەھىرىدىكى بىر بانكىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ئۆلدى ۋە يەنە ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

757821
ئافغانىستاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ لەشكەرگاھ شەھىرىدىكى بىر بانكىنىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇم، دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بانكىدىن مائاشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان پەيتتە مەيدانغا كەلدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدا پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى. بىراق تالىبان ۋە دائېش بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مائاش ئېلىش ئۈچۈن بارغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىگە بومبىلىق ھۇجۇم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر