ئامېرىكىدا يەنە بىر مۇسۇلمان قىز ئۆلتۈرۈلدى

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا يەنە بىر يېڭىسى قوشۇلدى. ۋىرجىنىيە دالىستا بىر مۇسۇلمان قىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

756941
ئامېرىكىدا يەنە بىر مۇسۇلمان قىز ئۆلتۈرۈلدى
nabra.jpg
nabra hassanen.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى دالىس رايونىدا 17 ياشلىق بىر مۇسۇلمان قىز ئۆلتۈرۈلدى. مەزكۇر ۋەقە دالىس مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەركىزى ئادامس سېنتىر (ADAM’s Center) دە ياشلار زوھۇرلۇق ئۈچۈن جامەدىن چىقىپ يېقىن جايدىكى رېستورانغا كېتىۋاتقاندا يۈز بەردى.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سانى بەش بولغان بىر گۇرۇپپا ياش قىزلار ئادامس سېنتىر جامەسىنىڭ يېنىدىكى رېستورانغا كېتىۋاتقاندا قىزىل رەڭلىك بىر ئاپتوموبىل ئۇلارنىڭ يېنىدا توختىغان. بۇ ئەسنادا، ئاپتوموبىلدىكى كىشى بىلەن قىزلار ئوتتۇرىسىدا قىسقىغىنە گەپ تالىشىش بولغان. ئاپتوموبىلدىكى كىشى يەرگە چۈشۈپ، كالتەك بىلەن قىزلارنى قوغلىغان، قىزلار جامەگە قېچىپ كىرىۋلغان. ئارىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، جامەگە كىرىۋالغان قىزلار 17 ياشلىق نەبرا ھاسساننىڭ ئارىلىرىدا يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئادامس سېنتىر جامەسىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدا نەبرا ھاسساننىڭ جەسىتى تېپىلغان.

دالىس رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ساقچى دائىرىلىرى بولسا، جىنايەتكە ئىرقىي ياكى دىنىي ئايرىمىچىلىقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق دەپ قارىماقتا.

ئادامس سېنتىر مۇسۇلمانلار جامائىتى دۇئا قىلىپ، ياشلارغا ئىگە بولۇشنى چاقىرىق قىلدى. غەرب مەتبۇئاتلىرى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس، بەلكى جىنايى ئىشلار ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلماقتا.

نەبرا ھاسسان ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قاتناشقانلار بىر تەرەپتىن، ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نەبرا ھاسسان ئۈچۈن گۈل-چېچەكلەرنى قويدى.

جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان دارۋىن مارتىنېز توررېسنى سوراق قىلىش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر