ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانى رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانىغا يېقىنلاشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ بىر F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى، بالتىق دېڭىزى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ ئايروپىلانىغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇندى.

757092
ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانى رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانىغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تاسس، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ ئايروپىلانىغا يېقىنلاشقان ناتو F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەقەدىن كېيىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قالىنىنگرادقا بارغان رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئۇ يەردىكى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بەزى ناتو ئەللىرىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن، سىياسىي، ئىستىخبارات ۋە ئىقتىسادىي بېسىمدىن سىرت، ھەربىي كۈچنىمۇ بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شويگۇ، ناتونىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەلىرى يۈزىسىدىن رۇسىيەنىڭ غەربىي رايونلاردىكى ھەربىي قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر