ئاقدېڭىز يەنە 126 مۇساپىرنى يۇتۇپ كەتتى

لىۋىيەدىن ئىتالىيەگە قاراپ يولغا چىققان بىر يەل قولۋىقىدىكى 126 مۇساپىر سۇغا غەرق بولدى.

755891
ئاقدېڭىز يەنە 126 مۇساپىرنى يۇتۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىزدا يەنە مۇساپىرلار پاجىئەسى يۈز بەردى.

لىۋىيەدىن ئىتالىيەگە مۇساپىرلارنى ئېلىپ يولغا چىققان بىر يەل قولۋىقى چۆكۈپ كەتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەل قولۋىقىدىكى 130 كىشىدىن 126سى سۇغا غەرق بولغان بولسا، 4 كىشى ئەتراپتىكى بېلىقچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.

ئاقدېڭىزدا ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈزلەرچە مۇساپىر قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ.

بالقان رايونىغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ تاقىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ياۋروپاغا ماڭىدىغان كۆچمەنلەر ئەگە دېڭىزىدىن ئاقدېڭىزغا يۈزلەندى.

مىليونلارچە مۇساپىر ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە.

مۇساپىرلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاقدېڭىزدا سۇغا غەرق بولىدىغانلار سانىمۇ كۆپەيمەكتە.

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۈمىد سەپىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1800دىن ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر