سەئۇدى ئەرەبىستان پارس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر قەدەم تاشلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ 3 ئەسكىرىنى تۇتۇۋېلىپ پارس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

756196
سەئۇدى ئەرەبىستان پارس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتار كىرىزىسىنىڭ ئەكسىچە  رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر قەدەم تاشلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىدىن 3 ئەسكەرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلار قاچىلانغان بىر كېمە بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئەل مەرجان نېفىت بازىسىغا ھۇجۇم قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتكەن جۈمە كېچىسى مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىران بولسا 3 ئەسكىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر