مۇسۇلدا بىر فىرانسىيەلىك مۇخبىر مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتتى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھەر مەركىزىنىڭ غەربىدە بىر فىرانسىيەلىك مۇخبىر مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتتى.

756112
مۇسۇلدا بىر فىرانسىيەلىك مۇخبىر مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھەر مەركىزىنىڭ غەربىدە مىناغا دەسسىۋېلىپ يارىلانغان سىتېپھان ۋىللېنېۋ ئىسىملىك فىرانسىيەلىك بىر مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فىرانسىيەنىڭ ئەربىلدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى «كونا شەھەر»رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى خەۋەر قىلىش ئەسناسىدا مىناغا دەسسىۋېلىپ يارىلانغان سىتېپھان ۋىللېنېۋ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، ۋەقەدە يارىلانغان باشقا ئىككى مۇخبىرمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن فىرانسىيەگە قايتۇرۇلىدىكەن.

مۇسۇلدىكى توقۇنۇشلارنى خەۋەر قىلىۋاتقاندا مىناغا دەسسىۋالغان ئىراقلىق مۇخبىر بەختىيار ھادداد نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، سىتېپھان ۋىللېنېۋ قاتارلىق 3 فىرانسىيەلىك مۇخبىر يارىلانغانىدى.

2016-يىلى 17-ئۆكتەبىردە باشلىغان مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن بۇيان توقۇنۇشلار ياكى مىنالارنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن تاراتقۇ خادىمى ئۆلدى ياكى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر