«دائېش پۈتكۈل مىللەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈردى»

ئاقساراي باياناتچىسى سېن سىپسېر دائېشنىڭ پۈتكۈل مىللەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

756069
«دائېش پۈتكۈل مىللەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى سېن سىپسېر رۇسىيەنىڭ فىراتنىڭ غەربىگە ئۆتكەن ئايروپىلانلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قارىتا مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە باشقىلار دائېشقا قارشى بەرپا قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.»

باياناتچى سېن سىپسېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يىرىك مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئوتتۇراشەرق رايونىدا توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ رايوندىكى كىرىزىسنى بارغانچە كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى سېن سىپسېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايوندىكى كۈچلەرنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشى ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.»

باياناتچى  زۆرۈر تېپىلسا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە باشقىلار دائېشقا قارشى بەرپا قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك»دېدى.

سېن سىپسېر سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەسىلىنى تېخىمۇ چىگىش ھالغا ئېلىپ كەلمەسلىك لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دائېش پۈتكۈل مىللەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈردى، شۇڭا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز لازىم، بۇ سەۋەبتىن رۇسلار بىلەن ھەر دائىم دىيالوگ ئىچىدە بولمىساق بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر