باماكودىكى بىر ئالىي مېھمانخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تېررورچىلار، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىنىڭ پايتەختى باماكوغا يېقىن جايدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلار، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىنىڭ پايتەختى باماكوغا يېقىن جايدىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ھۇجۇمدا 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇم باماكونىڭ سىرتىدىكى بىر ئالىي مېھمانخانىدا تۈنۈگۈن كەچتە مەيدانغا كەلدى. ئادەتتە ساياھەتچىلەر چۈشىدىغان مېھمانخانىدىكى ھۇجۇمدا، تېررورچىلار 20 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.
مالى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى، ۋەقەدە ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

گانادا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 20 ئادەم قازا قىلدى
گانانىڭ ئوتى ۋىلايىتىدە ئاپتوبۇس بىلەن مىنىبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىيوردانىيە شىۋېيتسىيەدىكى ئىغۋاگەرچىلىكنى ئەيىبلىدى
ئىيوردانىيە شىۋېيتسىيەنىڭ مالمو شەھىرىدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.