بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ياۋروپادا 142 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ 2016 – يىلى ياۋروپادا 142 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

754023
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ياۋروپادا 142 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ «2017 – يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە ئائىت ئورگانلار، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە مال – مۈلۈكلەرگە قارىتا بىرقاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان، ئىئانە توپلاش، تەتۈر تەشۋىقات ۋە تەشكىلاتقا تېررورىست قازاندۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەردە بولغان.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىللىق قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پ ك ك تەرىپىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 8 دۆلەتتە، جۈملىدىن 76 سى ئەنگلىيەدە، 23 ى فىرانسىيەدە، 17 سى ئىتالىيەدە، 10 ى ئىسپانىيەدە، 6 سى گىرىتسىيەدە، 5 سى گېرمانىيەدە، 4 ى بېلگىيەدە، 1 گوللاندىيەدە بولۇپ، جەمئىي  142 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا 142 كىشى قازا قىلغان، 379 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسىدە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ئىشلىتىلگەن.

دوكلاتتا، سۈرىيە ۋە ئىراقتا قوراللاندۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ، باشقا گۇرۇپپىلارغىمۇ ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، بۇنداق تاكتىكىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

ياۋروپادىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ % 40 تىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوغرىلىق، تەقلىدىي مەھسۇلات سېتىش، كىرېدىت ئالدامچىلىقى ۋە بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر