ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 2016-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ئارىلاشقانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلىپ، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

753603
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشدە 2 گە قارشى 97 ئاۋاز بىلەن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى تەستىقلاندى. تەستىقلانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ، ھازىرغىچە پالاتادا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ۋە تەستىقلىنىشى ئېنىق دەپ قارىلىۋاتقان ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر لايىھە رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىشى، قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى ۋە سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىگە قارىتا يولغا قويۇلغان مەۋجۇت ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پارىخوپرلۇق قىلغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا، ئېمبارگولاردىن قاچقانلارغا، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قورال ياردىمى قىلغانلارغا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى نامىدا يامان خاراكتېرلىك سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلارغا، دۆلەت بايلىقلىرىنى خىيانەت قىلىش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا ۋە رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ.»

يېڭى لايىھەنىڭ رۇسىيەئىقتىسادىدا كان بايلىقلىرى، رەڭلىك مېتال، توشۇمىچىلىق ۋە تۆمۈر يولى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر