ئادەم بومبا ھۇجۇمى 31 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 31 كىشى قازا قىلدى.

753549
ئادەم بومبا ھۇجۇمى 31 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رېستوراننىڭ خېرىدارلىرى ناھايىتى كۆپ ۋاقىتتا  يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 40 كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى مۇھەممەد ھۈسەيىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئەشەبابنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن چەت ئەللىك خېرىدارلار كېلىدىغان رايونغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر