ئامېرىكىدا مەجلىس ئەزالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋىرگىنىيا ئىشتاتىدا مەجلىس ئەزالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

752674
ئامېرىكىدا مەجلىس ئەزالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋىرگىنىيا ئىشتاتىدا كالتەك توپ ئويناۋاتقان مەجلىس ئەزالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەجلىس ئەزاسى سىتېۋ سكالىس بولۇپ 5 كىشى يارىلاندى، زوراۋان بولسا قولغا چۈشتى.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ئىچىدە ساقچىلارنىڭمۇ بارلىقى، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

شاھىتلار زوراۋاننىڭ ئەڭ ئاز 50 پاي ئوق ئاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا بىخەتەرلىك چەمبىرىكى قۇرۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر