سومالى بىلەن ماراكەش قاتارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتتى

سومالى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

752256
سومالى بىلەن ماراكەش قاتارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ماراكەشمۇ قاتارغا ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. ماراكەش پادىشاھى 6-مۇھەممەد قاتارغا ھاۋا يولى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئەۋەتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى. ئەلجۇبەير كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قاتارنى مۇھاسىرەگە ئېلىش سىياسىتى يۈرگۈزمەيۋاتىمىز، قاتارنىڭ پورتلىرى، ئايرودۇرۇملىرى ئورچۇق. بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قاتار شىركەتلىرىگە ئاچمايمىز، بۇ مۇھاسىرە ئەمەس. زۆرۈر تېپىلغاندا، قاتارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىشكە تەييارمىز» دېدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبە قاتارغا دىپلوماتىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەر يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي بازىلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر ئارىسىدا، قاتارغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەدبىرى يوق» دېدى.

ئەلئۇتەيبە قاتاردىن تەەلپ قىلىنغان شەرتلەرنىڭ تىزىملىكىنى پات يېقىندا ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىگە تەييارلىنىۋاتقان ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئىبادىمۇ قاتارنى مۇھاسىرەگە ئېلىشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىبادى رىيادتىن دوھانى ئەيىبلەشلىرىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر