مۇسۇلمان بولغان بىر ئىنگىلىز ئايال پاكىستاندا يېتىم-يىسىرلار مەكتىپ ئاچتى

20 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان بىر ئىنگىلىز ئايال پاكىستاندىكى 3 شەھەردە يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى ئاچتى.

752407
مۇسۇلمان بولغان بىر ئىنگىلىز ئايال پاكىستاندا يېتىم-يىسىرلار مەكتىپ ئاچتى
musluman, ingiliz, pakistan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمان بولغان بىر ئەنگلىيەلىك ئايالنىڭ پاكىستاندا 500 يېتىم بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسمى گۇفران قۇرەيشى بولغان بۇ ئايال 20 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە پاكىستاندا ئۈچ يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى ئاچتى.

قۇرەيشىنىڭ ھىكايىسى 1976-يىلى ئەنگلىيەدە پاكىستانلىق مۇھەممەد ئەھمەد قۇرەيىشىگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشى بىلەن باشلايدۇ.

لوندونلۇق كاتولىك بىر ئائىلىنىڭ قىزى بولغان قۇرەيشىنىڭ پاكىستانلىق مۇسۇلمان بىرسى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشى ئائىلىسىنىڭ ئىسلامغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارشى سەۋەبلىك نارازىلىققا ئۇچرىدى، قۇرەيشى بولسا تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن باشقا دىنلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى ئىسلامنى تاللاپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.

ئىلگىرى ئەنگلىيەدە بىر يېتىم-يىسىرلار مەكتىپىدە قىسقا مۇددەت خىزمەت قىلغان قۇرەيشى، بۇ مەكتەپتە مۇسۇلمان بالىلارغا ھالال تاماق بېرىلمەسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىستىپا بەردى.

1992-يىلى يولدىشى بىلەن پاكىستانغا ماكانلاشقان قۇرەيشى يېتىم بالىلارغا خىزمەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتىم بالىلارغا پاكىزە مۇھىتتا ئىسلامىي ۋە زامانىۋى بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى قۇرۇپ چىقتى.

تۇنجى يېتىم-يىسىرلار مەكتىپىنى راۋاپىندىدا قۇرۇپ چىققان قۇرەيشى، كېيىنچە كاراچى ۋە ھانىۋال شەھەرلىرىدىمۇ يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى ئاچتى، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەردە 500 ئوقۇغۇچى تەلىم-تەربىيە كۆرمەكتە.

قۇرەيشى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «يولدىشىم بىلەن بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمىز بۇ بالىلارغا سۈپەتلىك مائارىپ تەقدىم قىلىش ۋە ئىسلامىي ئاڭ يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا مەكتەپلىرىمىزدىكى بالىلار چوڭ بولغاندا مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولىدۇ»دېدى.

«بالىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدىم، يەنە ئىقتىدارلىرىنى قېزىپ چىقىرىش ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلەۋاتىمەن»دېگەن قۇرەيىشى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىر قىسىم قىزلىرىمىز ھازىر ئۇستا كىيىم تىككۈچىگە ئوخشاشلا كىيىم تىكەلەيدۇ. مەن بالىلارغا كېيىنچە ئەسقېتىپ قېلىشى ئۈچۈن كومپىيۇتېرمۇ ئۆگىتىۋاتىمەن.»

يېتىم بالىلارغا ئىگە چىقىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇلۇغۋار  ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان قۇرەيشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ، دېگەن پىرىنسىپقا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن، نىيىتىڭىز خالىس بولسا ۋە توغرا يولدا ماڭسىڭىز، ئاللاھ سىزگە داۋاملىق ياردەم قىلىدۇ.»

قۇرەيشى يېتىم-يىسىرلار مەكتىپىدە ئوقۇپ چىققان ئونلارچە قىزنى ياتلىق قىلغانلىقىنى، بىر قىسىملىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «پەرزەنتلىرىمنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ زور خوشاللىقىمدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر