مىيۇنخېن ساقچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىگە يېقىن ئۇنتېرفوئېخرىڭ بېكىتىدە بىر كىشى ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ ئوق چىقاردى.

752549
مىيۇنخېن ساقچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىيۇنخېنغا يېقىن ئۇنتېرفوئېخرىڭ بېكىتىدە بىر كىشى ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ ئۇ (ساقچى) نىڭ بېشىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى. ۋەقەدە 26 ياشلىق ساقچى ئېغىر يارىلاندى. ساقچىدىن باشقا ئىككى يولۇچىنىمۇ ئېتىپ يارىلاندۇرغان 37 ياشلىق گېرمان يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر