تۈركىيە قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

5 – ئىيۇن كۈنى قاتار بىلەن بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان كىرىزىستىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدە ئاكتىپ دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

751945
تۈركىيە قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر خەرىتە پارىس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن كىرىزىستە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەرىتىدە بولۇپمۇ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ئىراندىن تۈركىيەگە قويۇق زىيارەت ۋە تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

كىرىزىس باشلانغاندىن كېيىن ئىراننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  جەۋاد زارىف ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنىدى. يەنە بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن ئەھمەد ئەلخەلىفەمۇ ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر