مىيۇنخېندا قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

751548
مىيۇنخېندا قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى بىر مېترو ئىستانسىسىدا قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

مىيۇنخېن ساقچى ئىدارىسى بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مىيۇنخېن ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە بىر مېترو ئىستانسىسىدا نازارەت خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىر گۇمانلىق شەخس مېترو ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ ئەتراپقا ئوق چىقارغان، ۋەقەدە قورالى تارتىۋېلىنغان مېترو ساقچىسى بىلەن زوراۋان يارىلانغان.

زوراۋاننىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زورۋانننىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە مېترودىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر