خامەنېي رۇھانى ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنېي پىرېزىدېنت ھەسەن روھانىي ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارا سەھنىلەردە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە بەسىچ قوراللىق كۈچلىرىنى سودىلىشىش تېمىسى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

751831
خامەنېي رۇھانى ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى خامەنېي پايتەخت تېھراندا پىرېزىدېنت ھەسەن روھانىي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا خىتاب قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇس كۈچلىرىمىزنى ۋە قوماندانىمىز (قاسىم سۇلايمانى) نى ياقتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتامسىلەر؟ ئەلۋەتتە ياقتۇرمايدۇ ۋە (ھەر خىل سەھنىلەردە) شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. <بۇ يەردە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى بولمىسۇن، ئۇ يەرگە بەسىچنى ئورۇنلاشتۇرماڭلار> دېگەندەك شەرتلەرنى قويسا، سەۋەبى <ھاكىمىيەت كۈچۈڭلارنى ئەمەلىي مەيداندا تۇرغۇزماڭلار> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت كۈچىنى مۇھاپىزەت قىلىشىمىز ۋە قوللىشىمىز كېرەك» دېدى.

يادرو سۆھبەتلىرىدە ئىران تەرەپنىڭ كۆپ يول قويغان بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خامەنېي، بۇ دۆلەتكە ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى جېكىلىدى.

ئىران تاراتقۇلىرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ غەرب بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەردە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇددۇس قوشۇنى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى سودىلىشىش تېمىسى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، زەرىف بۇ دەۋالارنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر