باتماندا مىڭلارچە كىشى پ ك ك غا لەنەت ياغدۇردى

تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان باتماندا مىڭلارچە كىشى پ ك ك غا لەنەت ياغدۇردى.

751736
باتماندا مىڭلارچە كىشى پ ك ك غا لەنەت ياغدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باتماندا مىڭلارچە كىشى ئوقۇتقۇچى شەناي ئايبۇكە يالچىننىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا لەنەت ياغدۇردى.

باتماننىڭ كوزلۇك ناھىيەسىدىكى كوزلۇك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە بۇلتۇر ئۆكتەبىردە  خىزمەتكە چۈشكەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى شەناي ئايبۇكە يالچىن، 9-ئىيۇن جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى تارقىتىپ بەرگەندىن كېيىن خىزمەداشلىرى بىلەن ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئەسنادا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ بىراق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

كوزلۇك ناھىيەسىدە تېررورنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان شەناي ئايبۇكە يالچىنغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا قاتناشقان كىشىلەر «شەناي سېنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايمىز، يوقالسۇن پ ك ك، زالىملار ئۈچۈن ياشىسۇن دوزاخ»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە  بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆز يېشى قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر قىسىم شەخس ۋە گۇرۇھلارنى پ ك ك قەتل قىلغان ئوقۇتقۇچى شەناي ئايبۇكە يالچىننىڭ ئۆلۈمىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر