«ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق»

ئەنگلىيە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدە ئۆزگىرىش يوقلىقىنى بىلدۈردى.

750647
«ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەنگلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل كۈز پەسلىدىكى ئەنگلىيە زىيارىتىدە ئۆگىرىش يوقلىقىنى بىلدۈردى.

گوردىئان گېزىتى دونالد ترامپنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، مېيغا ئەنگليەدە ئۆزىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ئەھۋالدا ئەنگلىيەگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە مېينىڭ قېشىدا تۇرغان بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىپ ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، مېينىڭ بۇ ئەھۋال سەۋەبلىك ھەيران قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە باش  ۋەزىرلىك ئىدارىسى بۇ خەۋەرلەر توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىدە «ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە 4 كۈن ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر