كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن گارنىزون قوماندانى خىزمىتىدىن توختىتىلدى

ئافغانىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى 150 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان ئەمەلدارلارنى خىزمىتىدىن توختاتتى.

751155
كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن گارنىزون قوماندانى خىزمىتىدىن توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن كابۇلدا يۈز بەرگەن ۋە 150 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بومبا ھۇجۇمىدا، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن گارنىزون قوماندانىنى خىزمىتىدىن توختاتتى.

ئافغانىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جەمشىد راسۇلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كابۇلنىڭ ۋەزىر ئەكبەرخان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغان مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى گېنېرال ھاسان شاھ فۇرۇگ بىلەن گارنىزون قوماندانى گېنېرال گۇل نابى ئەھمەتزەينىڭ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى راسۇلى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەردە باشقا خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرىنىڭمۇ خىزمىتىدىن توختىتىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇمدا ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۆت نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنى خىزمىتىدىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 10-رايوننىڭ ھەربىي قوماندانىمۇ بار.

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئافغانىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلار پارتلىدى. ئونلارچە كىشى كابۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرىدە جىم ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى قىلدى ۋە ھۆكۈمەتنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى. نامايىشچىلار، تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىلمىگەن تەقدىردە نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جىم ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى شەرقىي شىمالغا جايلاشقان تاھار ۋىلايىتىدىمۇ باشلاندى.

تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن كابۇلنىڭ دىپلوماتىيە رايونى ھېسابلىنىدىغان ۋەزىر ئەكبەرخان رايوىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 150 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. مەزكۇر ھۇجۇمغا ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى كىشى جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

ئافغانىستان ئىستىخبارات ئىدارىسى ھەققانى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر