ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى كومېينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلانماقتا

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسىئونس، 13 – ئىيۇندا پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىدا پالاتا ئەزالىرىنىڭ رۇسىيەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

750195
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى كومېينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېف سېسىئونس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق دىرېكتورى جېيمس كومېينىڭ پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىدىكى سۆزلىرىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئوخشاش ئورۇندا بۇ مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىشنى مۇھىم، دەپ قارايمەن» دېدى.

سېسىئونسنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىلىشتا، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كومىتېتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كومېينىڭ «دونالد ترامپ دائىرىلىرى ۋە ئۆزىنى گۇمان ئاستىدا قالدۇرۇپ قويغان سۆزلىرى» گە جاۋاب بېرىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر