ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تالىبانغا چاقىرىق قىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا 23 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا خەلقئارالىق «كابۇل مۇساپىسى» كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلدى.

749138
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تالىبانغا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇلدا خەلقئارالىق «كابۇل مۇساپىسى» كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلدى. كونفېرانسقا، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق 23 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. كونفېرانس كابۇلدا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

پىرېزىدنېت ئەشرەف غېنى كونفېرانسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيادا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ مەسىلىدە تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تالىبانغا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«تالىبان ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇلارنىڭ ئىشخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىمىز. بۇ تالىبانغا بېرىلگەن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر