ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى

قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا بولۇش قارارىنى ئاۋازغا قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.

749761
ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلدى. يىغىندا ھىندىستان بىلەن پاكىستان تەشكىلاتقا قوبۇل قلىندى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاستىدىكى رايون نوپۇسىنىڭ 3 مىلياردقا يەتكەنلىكىنى ۋە ئەزاسىنىڭ سەككىزگە يېتىپ، سىستېمىلىق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يېڭى باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىن نەتىجىسى

پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇستەقىللىق سارىيىدا ئېچىلغان يىغىنغا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى قاتناشتى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋات زارىف، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى تساكھىياگىن ئەلبەگدورجى ۋە ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسلار كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشتى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى، دۇنيا ۋە رايون بىخەتەرلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى.

پىرېزىدېنت نەزەربايېۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ بەزى رايونلاردا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېقىن رايونلاردا گېئوپولىتىكىلىق يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش خىتابنامەسى، ۋاقتىدا بېسىلغان قەدەمدۇر» دېدى.

نەزەربايېۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ تەشكىلات ئىچىدە ئەركىن سودا رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىش قارارىنىڭ 2015-يىلى رۇسىيەدە ئېچىلغان ئۇفا يىغىنىدا چىقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئىككى يىل ئىچىدە ھىندىستان بىلەن پاكىستان بارلىق شەرتلەرنى رەسمىيەتلەرنى تولۇق ئورۇنلىدى. ھازىر بىزنىڭ نىشانىمىز يېڭى شېرىكلىرىمىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە داۋاملىشىۋاتقان كۆپ خىل پىلانلىق خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللاشتۇر.»

پۇتىن يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىنسانىي ساھەلەردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق مۇساپىلەردە رايوندا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈچۈن قوشۇمچە ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ چېگرالىرىدا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تەشكىلات ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە: «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق ئېشىپ بېرىۋاتقان دۇنيادا، تېررورلۇق ئىدېئولوگىيەسىنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشى كېرەك» دېدى.

قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2018-2017 –يىللىق نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قازاقىستان، قىرغىزىستان، خىتاي، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسىي-ئىقتىساد، سودا، بىلىم، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى ھەمدە ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تۈركىيە 2012-يىلى 6-7-ئىيۇن كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئاۋاز بىرلىكى بىلەن دىيالوگ شېرىكى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر