ئامېرىكا ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەۋەبلىك قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ھالېي ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلىدى.

747417
ئامېرىكا ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەۋەبلىك قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈنۈگۈن يېپىق يىغىن چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتچى رەئىسى شىۋېتسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي  ۋەكىلى ئولوف سىكوگ يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ھالېي ئىراننىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك بالىستىك بومبا سىناق قىلىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.

ھالېي مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردۇق، بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز.»

«ئىراننىڭ يادرو ئوق بېشى توشىيالايدىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم ئىدى» دېگەن ھالېي، ئىراننىڭ يەكشەنبە كۈنى سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ 50 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا ئوق بېشى توشىيالايدىغان ئىقتىدارى بارلىقى، شۇنداقلا 300 كىلومېتىر مۇساپىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئامېرىكا قارانچۇق ئەمەس، بىز ئەمدى كۈتۈپ ئولتۇرمايمىز، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى ھەممىڭلار  كۆرۈسىلەر»دېگەن ھاليې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ بۇ قىلمىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويمىساق بولمايدۇ.»

ھالېي  يەنە ئىراننىڭ دۇنيانى ئۆزىنىڭ «ياخشى دۆلەت»ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇرنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھالېي، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تېخنولوگىيەسى بىلەن تەمىنلىمەسلىكى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكىدىن باشقا  ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ يەكشەنبە كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىراننىڭ «ئىشەنچىسىزلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى»بىلدۈرگەن بولسا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، سىناقلارنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ يادرو ئوق باشلىرىنى توشۇش مەقسەتلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

جەۋاد زارىف تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئېلىپ بارغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىڭ كېڭىشى دائىمىي بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھاسىل قىلغان يادرو كېلىشىمى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر