ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارنى قوللىغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قاتارنى قوللاش ماھىيەتلىك قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مەنئىي قىلىندى.

747633
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارنى قوللىغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇبەيدىن تارقىتىش بېرىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەلئەرەبىييە»، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتارنى قوللاپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش مۇپەتتىشى ھەمەد سائىف ئەششەمسى، «مەيلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق مەيلى يازما مەيلى ئاغزاكى مەيلى سۈرەت ئارقىلىق بولسۇن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى تۇرۇپ قاتارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانغان كىشىلەرگە كەسكىن ۋە قەتئىي چارە كۆرۈلىدۇ» دېدى.

باش مۇپەتتىش ئەششەمسى، قاتار تەرەپدارى ھەرقانداق بىر پائالىيەتكە 3 يىل بىلەن 15 يىل ئارىلىقىدا قاماق ياكى كەم دېگەندە 500 مىڭ دەرھەم (136 مىڭ دوللار) ئىقتىسادىي جازا بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر