ترامپ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىندى؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

745375
ترامپ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەنلا قالماستىن، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق سانائەت ۋە ئىقتىسادنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى پىلاتىنانىڭ كېلەچىكىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى؛ پارىژ كېلىشىمى 2015 – يىلى 195 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىمزالانغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 2 گىرادۇس چۈشۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە دۆلەتلەرنىڭ پارنىك گازىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئازايتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاتموسفېرانى ئەڭ كۆپ بۇلغاۋاتقان دۆلەتلەر تەرتىپى بويىچە خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەن.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىشىگە <ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت – نەزىرىنى رۇسىيە تەكشۈرۈشىدىن باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنۇش> دەپ باھا بېرىلمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش كۆپ بۆلەكلىك قۇراشتۇرۇش ئويۇنى تۈسىنى ئايلاندى.

بۇ قوراشتۇرۇش ئويۇنىدا ترامپنىڭ كىيئوغلى كۇشنېر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى؛ كۇشنېرنىڭ رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرگېي كسىلياك بىلەن ئورناتقان مەخپىي ئالاقە لىنىيەسى، رۇسىيە بانكىچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان بىرىنچى تېمىغا ئايلاندى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رۇسلارنىڭ سايىسىدا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ – سۆزلەر، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە مەنسۇپلىرىدىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر