ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى پۇقرالارنى دائېشتىن ئاگاھلاندۇردى

دائېشنىڭ ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

745141
ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى پۇقرالارنى دائېشتىن ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكولىم تارنبۇل ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

مالكولىم تارنبۇل سىنگاپوردا 2 – ئىيۇندىن 4 – ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنسىتېتۇتىنىڭ  2017 – يىللىق يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى ۋە كۈنتەرتىپ ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە، رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى يېرىكچىلىكلەر، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە كۈنسىرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان تېررورىزم مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنسىتېتۇتى <IISS>»نىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئورۇن ئالغان باياناتقا كۆرە، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلدى. 

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكولىم تارنبۇل:  «2002 – يىلى بالىدىكى ھۇجۇمنىڭ ئازابىنى تېخى ئۇنۇتقىنىمىز يوق. ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرىغا قارشى كېلەر قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئايسىيادا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئېھتىمالىقلارنى قاتتىق كۆزەتمەكتىمىز. دائېشنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بۇرۇندىنلا مەۋجۇت بولغان مۇناسىۋەت تورلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرغانلىقى ۋە يېڭى ئەزالارنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ» دېدى. 

ئاۋستىرالىيە پۇقرالىرى ئاساسەن دېگۈدەك ساياھەت ئۈچۈن شەرقىي جەنبىي ئاسىيادا ھىندونېزىيە، فىللىپپىن، فىجى، تايلاند ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر